فرانسىيە پرېزدېنتى شىراك شاڭخەيگە يېتىپ باردى
2004.10.11
خىتايدا زىيارەتتە بولىۋاتقان فرانسىيە پرېزدېنتى جەكس شىراك (Jachques Chirach) دۈشەنبە كۈنى شاڭخەيگە يېتىپ كېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش مەقسىتىدە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فرانسىيە پرېزدېنتى شىراك رەپىقىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە فرانسىيە تىجارەتچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا شاڭخەيدىكى خىتاي-فرانسىيە ھەمكارلىق تەتقىقات ئورنىغا ئۇل قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئۇ زىيارىتى داۋامىدا يەنە، توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى ھەم خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جىياڭ زېمىن بىلەن كۆرۈشتى.
شىراك بۇ قېتىملىق سەپىرىدە 250 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خىتايغا كەلگەن بولۇپ، خىتايدىكى زىيارىتى داۋامىدا ھازىرغىچە خىتاي شىركەتلىرى بىلەن 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا كېلىشىمى تۈزۈپ بولدى.
شىراك يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە، ياۋروپا بىرلىكى ئەندىشە قىلىۋاتقان تۈرمىدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى سۇندى. ئۇ سەيشەنبە كۈنى شاڭخەيدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خوڭكوڭغا بارماقچى.(پەرىدە)