ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شراك 25 - ئۆكتەبىر كۈنى كەچ سائەت 3 تە بېيجىڭگە يېتىپ كېلىپ خىتايغا قاراتقان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ 26 - ئۆكتەبىر كۈنى خۇجىنتاۋ بىلەن كۆرۈشىدىكەن. بۇ جاك شراكنىڭ پرېزىدېنتلىق سالاھىتى بىلەن 4 - قېتم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېابلىنىدۇ. .
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، فرنسىيە خىتاينى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان دۆلەت. فرانسىيە خىتاينى ئۆزى بىلەن ھەمكەرلىشىش ئىھتىمالى بار دۆلەت قارايدۇ. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، جاك شراك بۇ قېتىم خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە سۆلەشكەندىن باشقا، شىمالى كورىيىگە قاتتىق ۋاستە قوللۇنۇش ھەققىدە سۆزلىشىشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئۇ يەنە خىتاي بىلەن ب د ت دا ئىران مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ ھەمكارلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. (ۋەلى)