بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 20 - مارت پارىژدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فرانسىيە ئەدىلىيە مىنىستىرى، فرانسىيە بىلەن خىتاينىڭ جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سىياسىي ۋە ھەربىي جىنايەتچىلەرگە قارىتىلمايدىكەن.
فرانسىيە ئەدىلىيە مىنىستىرى پاسكال كلېمېنتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش خەتىرى بار باشقا جىنايەتچىلەرگە نىسبەتەن، پەقەت خىتاي تەرەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا " يېتەرلىك" كېپىللىك بېرەلىسىلا، ئاندىن فرانسىيە بۇ خىل جىنايەتچىلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلىدىكەن.
خەۋەردە يەنە ، خىتاينىڭ ئۆلۇم جازاسى يۈرگۈزۈشتە دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
فرانسىيە ئەدىلىيە مىنىستىرى پاسكال كلېمېنتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئىشلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، كېلىشىمدە خىتاي تەرەپ قولغا ئېلىش بۇيرۇقى ياكى ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسىغا ئەدىلىيە ۋە ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئورتاق تەستىقىنى ئالغاندىن كىيىن ئاندىن قولغا ئېلىشنى يۈرگۈزىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خىتايدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فرانسىيىنى مەزكۇر كېلىشىمگە قول قويماسلىققا چاقىرغان. ئۇنىڭدا يەنە، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازالىرىنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۆپ يۈرگۈزىدىغانلىقى، ئۆز مەيلىچە تۇتۇپ تۇرۇش، تەن جازاسى ۋە قىيناش قاتارلىق قىلمىشلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.
پاسكال كلېمېنتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توختامغا ئاساسەن سىياسىي ۋە ھەربىي جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەت قىلىنىدىكەن. لېكىن ئۇ بۇ خىل جىنايەتكە ئىنىقلىما بەرمىگەن. (جۈمە)