ئەركىنلىك سارىيى: خىتاي دۇنيادىكى ئەركىنلىك بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى
2006.10.05
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ئەركىنلىك سارىيى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان 2006 - يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينى "ئەركىنلىك بولمىغان دۆلەتلەر" قاتارىغا كىرگۈزدى. دوكلاتتا، ئۇلار دۇنيادىكى 192 دۆلەتنىڭ سىياسىي ئەركىنلىك ۋە خەلق ئازاتلىقى ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى دەرىجىگە تۇرغۇزغان. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي سىياسىي ئەركىنلىك ۋە خەلق ئازاتلىقى دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالار ئۆز ھۆكۈمىتىنى دېموكراتىك يوللار بىلەن ئۆزگەرتەلمەيدىغان "ئىستىبدات ھاكىمىيەت " دەپ تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا، خىتاي سىياسىي چېرىكلىك ئېغىر، سىياسىي پائالىيەتلەر، ئىنتېرنېت ۋە شەخسىي ئالاقە يېقىندىن نازارەت قىلىنىدىغان، ئىپادە ئەركىنلىكى چەكلىنىدىغان، مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغان، ئەدلىيىنى پارتىيە باشقۇرىدىغان، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھاياتنى ھۆكۈمەت تىزگىنلەيدىغان، مەكتەپلەردە ئاتىئىزىم تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدىغان دۆلەت، دەپ كۆرسىتىلدى.
دوكلاتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك توغرىسىدىكى پراگراپىدا خىتاي تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. دوكلاتتا، " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئوخشاش مىللىي توقۇنۇش مەۋجۈت رايونلاردا دىنىي باستۇرۇش مىللى بۆلگۈنچىلىك بىلەن باغلاپ قارالماقتا. شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى چەكلەنگەن. ھەج قىلىش ۋە باشقا دىنىي مۇراسىملار يېقىندىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. ھۆكۈمەت دۇنيانىڭ دىققىتى تېررورچىلىققا بۇرالغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىسلامچى گۇرۇھلارنى باستۇرماقتا ۋە ئۇلارنى دىنىي ئەسەبىلەر، دەپ قارىماقتا "دەيدۇ. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى پۇدېنتۇن، خىتاينى بىر پارتىيە دىكتاتۇرلۇقىدىكى دۆلەت، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، " شۈبھىسىزكى خىتاينىڭ سىياسىي ھوقۇق جەھەتتىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار. چۈنكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاساسەن ھېچقانداق سىياسىي ھوقۇقى يوق. كومپارتىيە سىياسىي ساھەنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالغان. سايلامنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق، ھەتتا كەنت سايلىمىنىمۇ كومپارتىيە كونترول قىلماقتا. دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. سىياسىي پارتىيىلەر رىقابىتى دېگەندىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ئىستىبدات دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن نومۇر ئالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شۇڭا ئۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كونگولار بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالدى " دەپ كۆرسەتتى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا، گەرچە خىتايدا بىخەتەرلىك كۈچلىرى ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدا بولسىمۇ، لېكىن ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىدىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان ئەھۋاللار ئومۇميۈزلىك مەۋجۈت ھادىسىلەر، دەپ تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا،" قانۇنسىز ۋە سىياسىي مەقسەدلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش، قىيناش، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە سولاش ۋەقەلىرىگە دائىر دىلولار يۈز بەرگەن " دەيدۇ. بېيجىڭدا ياشايدىغان خىتاي ئۆكتىچى زات ليۇ شاۋبونىڭ قارىشىچە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىشنى دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشتىن باشلاش كېرەك. ئۇ، "خەلق ھوقۇقى مەلۇم دەرىجىدە كەمچىللىكلەرگە ئىگە. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبىنى پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقىدىكى كەمچىللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۇرغۇن ئىقتىسادىي ھوقۇقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى سىياسىي ھوقۇقنىڭ يوقلۇقى. غەربتە ئەمگەكچىلەر قاتلىمىنىڭ بەزى چاغلاردا چوڭ شىركەتلەر بىلەن سودىلىشىشىدىكى سەۋەب ئۇلاردا سۆز ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بارلىقىدۇر. ئۇلار بەزىدە رادىكال كوچا سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئۆز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ ۋە چوڭ شىركەتلەرگە بېسىم ئىشلىتەلەيدۇ. لېكىن خىتايدا بولسا بۇ ئىشلار مەۋجۈت ئەمەس " دەپ كۆرسەتتى.
ليۇ شاۋبو "خىتاي ھۆكۈمىتى پارتىيە قۇرۇش، گېزىت - ژۇرناللارنى چەكلەشنى بىكار قىلىپ، ئۆكتىچى زاتلارغا زەربە بېرىشنى توختىتىشى كېرەك "دەيدۇ. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي مەتبۇئات ئەركىنلىكىدە ئارقىغا چېكىنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 - يىلى نەچچە ئونلىغان گېزىتنى پىچەتلەپ، ئىنتېرنېتنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىدە قىسمەن ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا، دىنىي گۇرۇھلار، ئېتنىك مىللەتلەر ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەركىنلىك سارىيى، خىتاي " ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش پروگراممىسى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت پروگراممىلىرى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن خىتاي پۇقرالىرى ئەڭ كۆپ بەھرىمان بولماقتا " دەيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بىڭتۇەن 4 - دېۋىزىيە 75 - پولكى ئۆز ئەتراپىدىكى يۇرتلارنى نازارەت قىلىدىغان فوتو ئاپپارات سېستىمىسى قۇردى
- جوڭگۇ ھۆكۈمەت رەئىسى خۇجىنتاۋ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە
- دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا بېيجىڭدا قولغا ئېلىش ھادىسلىرى يۈز بەرمەكتە
- ياۋروپا كومىتېتى خىتايغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن "قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى" بىلدۈرگەن
- جوڭگو كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى خىتاينىڭ قانۇنچىلىقى كەينىگە چېكىنمەكتە، دەپ ئەيىبلىدى