فۇجيەندە 200 گە يېقىن كىشى سانائەت بۇلغىنىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈردى
2006.04.12
يېقىندا خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى بىر سانائەت رايونىدا ئولتۇرىدىغان 200 گە يېقىن يېزا پۇقراسى بۇ رايوندىكى سانائەت بۇلغىنىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەتراپتىكى بىر قانچە زاۋۇتقا بېسىپ كىرگەن.
بۇ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فۇجيەننىڭ چۈەنجوۋ شەھىرىدىكى بىر قانچە سانائەت زاۋۇتلىرىدىن چىققان سېسىق پۇراق ۋە كېرەكسىز سۇلار يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە سالامەتلىكىكە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن، ھەتتا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ۋەيران قىلىپ، بېلىقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدەك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان.
بۇ 200 گە يېقىن يېزا ئاھالىسى شەنبە كۈنى قوللىرىدا تۆمۈر توقماقلارنى كۆتىرىپ بۇ زاۋۇتلارغا بېسىپ كىرگەن ھەمدە زاۋۇت ئىچىدىكى ئەسلىھەلەرنى ئۇرۇپ چاققان. شۇنداقلا بۇ قالايمىقانچىلىق يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە ئاندىن بېسىققان.
خىتايدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سانائەت بۇلغىنىشىغا قارشى نامايىشلار يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان كۆپ يۈز بەرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا يېزا ۋە شەھەرلەردىكى تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىش بىلەن بىرگە، ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىۋاتقان كارخانىلارغىمۇ زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا ئامېرىكىدىكى خىتايغا قارشى تەشكىلاتلار نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى پېرېۋوت جۇغلانمىسى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى بولغىنى بىر نۇمۇس
- تيەنجىننىڭ ليۈشەنخى يېزىسىدا يۈزلىگەن دېھقان نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتايدا قوزغالغان كۈچ ئۇلاپ ئاشلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى 20 - كۈنىگە قەدەم قويدى
- خىتاي، 15 يىللىق مۇھىت قوغداش پىلانىنى ئېلان قىلدى