خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇندىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسى شۈەنۋۇ ناھىيىسىدىكى چىنشىجىن كەنتىدە گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر جايدىكى 12 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان.
مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، 21 - دېكابىر كۈنى يېرىم كېچىدە، مەزكۇر كەنتتىكى بىر تەبىيى گاز قۇدۇقىدىن گاز ئېتىلىپ چىققان. گەرچە ۋەقە يۈز بېرىش بىلەن، يەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، گاز قۇدۇقىغا سېمونت توپا تۆكۈش ئارقىلىق توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، قۇدۇقتىكى گاز بېسىمى بەك كۈچلۈك بولغانلىقتىن، قۇدۇق ئاغزىنى ئېتىۋىلىشقا چارىسىز قالغان.
مەزكۇر ۋەقە گەرچە يېرىم كېچىدە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، قۇدۇقنىڭ بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقى تېيىز بولغاچقا كېسلاتا دەرىجىسى ئاجىز بولۇپ، زەھەرلىنىش ھادىسى يۈز بەرمىگەن.
خىتايدا تەبئىي گاز قۇدۇقىدىن گاز ئېتىلىپ چىقىش ۋەقەسى داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. 2003 - يىلى، چوڭچىڭدە يۈز بەرگەن گاز پارتلاپ چىقىش ۋەقەسىدە، 243 ئادەم زەھەرلىنىپ ئۆلگەن، 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ۋە شۇنداقلا 6 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان. (مېھرىبان)