رۇسىيە ئالتاي ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقى دېڭىز رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئى گاز تۇرۇبىسى ياسىماقچى
2006.07.04
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە خىتاينىڭ شەرقى دېڭىز رايونلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن سېبىرىيىنىڭ تەبئىي گازىنى ئالتاي ئارقىلىق ماڭغۇزىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لېنىيىسى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا.
خەۋەردە خىتاينىڭ ئالتاي يەرلىك پارتكوم شۇجىسى لى شاڭلىننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ 'رۇسىيە تەبئىي گاز شىركىئىتى خىتايغا ھەر يىلى 68 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز ماڭغۇزۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ باش تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىغا ئۇلىنىدىغان ئىككى لىنىيە ياسىماقچى، ئۇنىڭ بىرى سېبىريىدىن ئالتاي ئارقىلىق تەبىئىي گاز ماڭغۇزۇلىدىغان دىئامېتىرى 50 سانتېمىتىرلىق تۇرۇبا بىلەن ياساپ چىقىلىدىغان گاز تۇرۇبا لىنىيىسى' دەپ بايان قىلىنغان. خىتاينىڭ ئالتاي دائىرىلىرى ھازىر ئەمدى ئالتايغا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان پۇرسەت كېلىۋاتىدۇ' دەپ ھاياجانلانماقتا. (ۋەلى)