خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى گەنسۇنىڭ تيەنجۇ ناھىيىسىدە بايقالغان ئادەم باش سۆڭەكلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە يېشى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرى گەنسۇنىڭ تيەنجۇ ناھىيىسى گۇچىڭلىن رايونىدىكى جىنشاسەن داۋەنكو بىلەن چىڭخەي ئۆلكىسى تۇتۇشىدىغان چېگرىدىن 121 دانە باش سۆڭىكى بايقالغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق سۆڭەكلەرنىڭ ئادەم باش سۆڭىكى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ئىدى. رەسىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، باش سۆيەكلىرىنىڭ ماڭلاي قىسىمى يوق بولۇپ، سۆيەكلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئىشلىتىش مەقسىدى ھەققىدە ھەر خىل پەرەزلەر ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. پەرەزلەرنىڭ بىرى، بۇ سۆڭەكلەر قانۇنسىز تىببىي تەجرىبىنىڭ قۇربانىغا ئايلانلان كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىسى، قاراڭغۇ بازاردىكى ئادەم سۆڭىكىدىن سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسايدىغانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىمالى بار.
بۇ ۋەقە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ، تيەنجۇ ناھىيىسىدىن تېپىلغان باش سۆڭەكلىرىگە "ۋاقتىنچە بىر يەرگە يىغىپ قويۇلغان ۋە جاراھەت ئىزلىرى يوق " دەپ ئىزاھات بەردى. خىتاي قانۇن دوختۇرى چېن شىشيەن، باش سۆڭەكلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن سۆڭەكلەرنىڭ ئادەم بېشى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەر، ئاياللار، ياشانغانلار ۋە ياشلارنىڭ بېشى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.