گىرمانىيە پارلامېنتى باشلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى نۇتۇقى، خىتاينى بىئارام قىلدى

تىبەتتىكى زىيارىتىنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان گىرمانىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ۋولىفگاڭ سىئەرىس پەيشەنبە كۈنى خىتاي كومپارتىيە مەكتىپىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ياپونىيىنى ئەيىبلەشتىن باش تارتىپ، خىتايدىن ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئۇنىڭ سۆزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئىنتايىن بىئارام قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋولىفگاڭ سىئەرىس نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا، بىر خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارى ئۇنىڭدىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەنلىكىنى، بىراق ياپونىيىنىڭ بۇنداق قىلىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان.

ۋولىفگاڭ سىئەرىس ئۇنىڭغا جاۋابەن، " ھەر قانداق دۆلەت باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى جىنايەتلىرىدىن ئۆز- ئۆزىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشنى خالىسا، ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئوبدان تەكشۈرۈشى كېرەك" دېگەن.

ئۇ يەنە خىتاينى چوقۇم ياپونىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تارىخى مەسىلىلەرنى ۋە بىر - بىرىگە بولغان بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرغان.

خەۋەردە ئانالىزچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، گېرمانىيە پارلامېنت باشلىقىنىڭ بۇ سۆزلىرى، گېرمانىيىنىڭ يىراق شەرقتىكى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ توقۇنۇشىدا تەرەپسىز مەيداندا تۇرۇپلا قالماستىن، يەنە " كىشىلىك ھوقۇق" ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دىپلوماتىيىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. (ئارزۇ)