جۇڭگودا غالجىر كېسەللىكىگە قارشى ھەرىكەت ئىتلارنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈشكە ئايلاندى

خىتاينىڭ يۈننەن ۋە سەندوڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە غالجىر ئىت كېسەللىكى بايقالغان ۋە يېقىندىن بېرى كۈنسېرى كۈچىيىشكە باشلىغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى رايوندىكى دائىرىلەر قوزغىغان كەڭ كۆلەملىك ئىت ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى، مىڭلىغان ۋە ئون مىڭلىغان ئىتنىڭ ئىگىلىرى تەرىپىدىن رەھىنمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لېكىن بۇ ھەرىكەت ھايۋانسۆيەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

غالجىر كېسىلى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بېيجىڭ پۇقرالىرىنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە 700 مىڭ كىشى غالجىرلىق كېسىلىدىن گۇمانلىنىپ داۋاملىنىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا 2005 - يىلى جۇڭگو بويىچە 2375 ئادەم غالجىرلىق كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلگەن. بۇ گۇاڭدوڭدا بۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەن 300 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سەندوڭنىڭ جىڭلىڭ شەھىرىدە بۇ يىل كىرگەندىن بېرى 16 ئادەم غالجىرلىق كېسىلى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۆلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر كېسەل بايقالغان رايوننىڭ 5 كىلومېتىر ئەتراپىدىكى پۈتۈن ئىتلارنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى. 8 مىليون نوپۇسى بار جىڭلىڭدا 500 مىڭ ئىت ياشايدىكەن. يۈننەننىڭ موۋدىڭ ناھىيىسىدە بۇ يىل 7 - ئايدا 3 ئادەم غالجىرلىق كېسىلىدە ئۆلگەن ۋە ھۆكۈمەت بۇ ناھىيىدىكى 50 مىڭ ئىتنى ئۆلتۈرگەن.

دائىرىلەرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايونلارغا يوللىغان ئىت ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىتلارنى ياغاچ توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرمەكتە. لېكىن بۇ ھايۋان سۆيەرلەرنىڭ ۋە بەزى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. "قانۇن گېزىتى" بۇنى " ۋەھشىيانە، رەھىمسىزلەرچە، ئەخمىقانە" ھەرىكەت،" دەپ ئەيىبلىدى. (ئەركىن)