چېن شۇيبيەن بىلەن ما يىڭجيۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسى (3)
2006.04.10
مايىڭجيۇنىڭ «بىر جۇڭگۇ» توغرىسىدىكى قارىشى
چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ئۆزىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋالغان بولسا، بىزنىڭ جۇڭخۇا مىنگونىڭ دائىرىسىگىمۇ چوڭ قۇرۇقلۇق كىرگۈزۈلگەن. شۇڭلاشقا بىر جۇڭگو دېگەننى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە ئىپادىلىشى كېرەك، ---دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ يېڭى رەئىسى ما يىڭجيۇ ئەپەندى، --- ليەن، سۇڭ ئەپەندىلەر چوڭ قۇرۇقلۇققا يەنە بارىدۇ، مەن ئۇلار بىلەن بۇ ھەقتە يەنە چۇڭقۇرلاپ سۆزلىشىمەن. قورال سېتىۋېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن تېخى پرېزىدېنت بولمىغاچقا، بۇ جەھەتتە خامچوت ئوتتۇرىغا قويالمايمەن، لېكىن مەن قورال سېتىۋېلىشنى قوللايمەن. ---دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ما يىڭجيۇ ئەپەندى، ---ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش 7 قېتىم ئېلىپ بېرىلدى، ئەگەر جىددىي ئېھتىياجلىق بولمىسا، خەلقنى مۇزاكىرىگە سېلىۋەرمەسلىك كېرەك. مەن يەنە چېن شۇيبيەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايمەن.
چىن شۈيبيەننىڭ «دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» كە قارىتا ئىپادىسى
تەيۋەندىكى، مەيلى 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى' دېگەن ئورگان بولسۇن ياكى 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پروگراممىسى' دېگەن ماددىلار بولسۇن، ئۇ ھەممىسى تەيۋەندىكى بۇرۇنقى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ مەھسۇلى، --- دەيدۇ تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن ئەپەندى ما يىڭجيۇنىڭ سۆزىگە جاۋابەن ، ---- بۇنىڭ ھېچقايسى قانۇن پالاتاسىدا قارار قىلىنمىغان. بۇ ئورگانلار ئۆزىمۇ بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلغىنى يوق. ھازىرقى تەيۋەن ھۆكۈمىتى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلمايدۇ. تەيۋەننىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بېرىپ تاقىلىدىغان بۇ مەسىلىنى چۇقۇم تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلق ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك. بۇ جەھەتتىكى قارارمۇ دېموكراتىك يول بىلەن بولىدۇ. مەن مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنىنى 'بىكار قىلىش'نى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئامېرىكا تەرەپ 'توڭلىتىش ياكى 'توختىتىپ قويۇش' دېگەن ئىبارىنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئاخىر 'بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنىنى ئاخىرلاشتۇرۇش' دەپ قوللىنىشقا كېلىشتۇق. ھازىر 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى' دېگەن ئورگاننىڭ مالىيە مەنبەسى تامامەن ئۈزۈلدى، ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ كەلگەن يېرىگە كېتىپ بولدى، بۇ ئىش ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە باشقىچە پەرەز ياكى تېپىشماق ئوتتۇرىغا چىقىرىلماسلىقى كېرەك، مىنىڭ قارىشىمچە، قانداق ئىبارىنى قوللىنىش ھەققىدە تالاش -تارتىش قىلىۋىرىش ھاجەت ئەمەس، ---- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ چېن شۇبيەن، --- مەن ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بولمىغان قايسى بىر پارتىيىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلمايمەن.
چىن شۈيبيەن: تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزىدە قورال كۈچى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك بولۇش كېرەك
يەنە بىر ئىزاھات بېرىدىغان ئىش شۇكى، تەيۋەننىڭ قورال سېتىۋېلىش پىلانى 2004 - يىلى تەيۋەننىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇپ قارار قىلىش تەشەببۇسى ياكى بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنىنى بىكار قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن 12 يىل بۇرۇن پرېزىدېنت لى دېڭخۇي ئوتتۇرىغا قويغان پىلان. پىلاندىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش يەنى 3 - ئەۋلات ۋەتەنپەرۋەر سېتىۋېلىش، پ -13 س بەلگىلىك ھەربىي ئايرۇپىلان سېتىۋېلىش دېگەن ماددىلارنى شۇ ۋاقىتتىكى دېموكراتىك ھۆكۈمەت بىكىتكەن. شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىلىنتون قوشۇلغان، بۇ پىلاننى ھازىرقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشمۇ تەستىقلىدى. مەن ھازىر شۇ پىلاننى ئىجرا قىلىۋاتىمەن. مەن ئەزەلدىن تارتىپ ئىككى قىرغاق مەسىلىسىدە، تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزىدە قورال كۈچى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك بولۇش كېرەك دېگەن قاراشتىمەن. بۇنداق كۈچ بولمىسا ئۇلار سەن بىلەن سۆھبەتلەشمەيدۇ. گومىنداڭ پارتىيىىسى بۇ ھەقتە يېڭى قارار ماقۇللىسا ياخشى بولاتتى.
چىن شۈيبيەن: تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى تەيۋەن خەلقى ئۆز قولىدا تۇتۇشى كېرەك
بۇ ھەقتە يەنە قانداق سۆز -ئىبارە قوللىنىشنى تالاش -تارتىش قىلىۋەرمەسلىك كېرەك، ---- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ چېن شۇبيەن، --- ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ يازغان خېتىدە مىنى تەيۋەن پرېزىدېنتى دەپ ئاتىغان، بۇ دېگەن قائىدە. ئەمما تەيۋەندە ياكى چوڭ قۇرۇقلۇقتا بىركىم تەيۋەن دەپ ئاتىمىسا تەيۋەن مەۋجۇت بولماي قالمايدۇ، مىنى پرېزىدېنت ئەمەس دېسە ياكى ماڭا بېسىم ئىشلەتسە، شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئورنۇم يوقاپ كەتمەيدۇ. مىنى تەيۋەن خەلقى سايلىغان، شۇڭلاشقا مەن تەيۋەننىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى قوغدايمەن. بىزنىڭ قارشى تەرىپىمىزدىكى قىرغاقتىكى ھۆكۈمەت بىزدىكى دېموكراتىك تۈزۈمنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شۇڭلاشقا بىزگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەڭلەيدۇ. 2004 - يىلى بەزى كىشىلەر ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇپ قارار قىلىشقا قارشى تۇردى، ماڭا ناھايىتى قاتتىق بېسىم ئىشلەتتى، ھەرخىل يوللار بىلەن مىنى قوللايدىغان ئاۋاز نىسبىتىنى ئازلىتىۋەتتى. مەن ھەتتا قايتىدىن سايلىنالمىغىدەك ھالغا كېلىپ قالغاندىمۇ، يەنىلا ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇپ قارار قىلىش تەشەببۇسىنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم. كېيىن بۇنىڭ توغرىلىقىنى ھەممە كىشى ھېس قىلدى. مەيلى نېمە ئىش بولۇپ كەتسۈن، تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى تەيۋەن خەلقى ئۆز قولىدا تۇتۇشى كېرەك. مەن بۇ دېموكراتىيە يولىدىن يانمايمەن. ئىشىنىمەنكى، تەيۋەن چۇقۇم شەرقتىن چىققان قوياش بولۇپ قالىدۇ.
سىرتقى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ كۈزىتىشى
ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ بىرلىكسەپ سىياسىتى ھازىر ھالاكەتكە يۈزلەنمەكتە.
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنستىك پارتىيە بىلەن تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا بىر 'سۆھبەت مۇنبىرى' ئېچىشنى پىلانلىغان ئىكەن. بۇ سۆھبەت مۇنبىرىنىڭ يىغىنىنى تەيۋەندە ئېچىش يېقىندا رەت قىلىندى. بۇنىڭ ئۆزى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان بىرلىكسەپ سىياسىتىنىڭ ھالاكەتكە يۈز لىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يىغىن ئەمدى بېيجىڭدا ئېچىلامدۇ، مەزمۇنى نېمە، بۇنى گومىنداڭ پارتىيسى تېخىچە خەلقتىن مەخپى تۇتماقتا. (تۈگىدى)