خىتايدا زىيالىيلار ئارىسىدا تارقالغان يۇقۇملۇق گومورو كېسىلى


2006.04.14

گومورو يۇمۇملۇق كېسىلىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى

يېقىندىن بۇيان قايتىدىن نامى ئاتىلىۋاتقان گومورو ئەپەندى خىتايدا ماۋزېدوڭ بىلەن زامانداش ئۆتكەن ئەدىپ. ماۋزېدوڭ ئۇنى گەرچە 'تالانتلىق لۈكچەك' دەپ يامان كۆرسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى قىلغان. 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى'دىمۇ، ماۋزېدوڭ 'گومورونى قوغداپ ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈش سىياسىتى' نى قوللانغاندىن كېيىن، گومورو ئەپەندى دەرھال ماۋزېدوڭغا خوشامەت قىلىپ ئەدىبىيات -سەنئەت ۋە پەن - ئىلىمىنى سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا ئۆلگە بولغان ئىدى. 2005 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدا 'جۇڭگو ياشلىرى سىياسىي ئىنىستىتوتى'نىڭ پروفېسسورى ۋاڭ دۇڭچېڭ ئەپەندى كىتابچىلىق ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە، خىتايدا بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملىشپ كېلىۋاتقان بۇنداق ھادىسىنى 'گوموروچە ھادىسە' دەپ ئاتاپ تەنقىد قىلدى. ئەمدى يېقىندا 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئوبزورلاردا، خىتايدا تىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھەر قانداق سىياسىي ۋەزىيەتكە دەرھال ماسلىشىپ، ئەدەبىيات -سەنئەتنى، پەن -ئىلىمنى ۋە باشقا ھەممە ساھەنى سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان بۇنداق گوموروچە ھادىسىلەر 'يۇقۇملۇق گومورو كېسىلى' دەپ تەنقىد قىلىنشقا باشلىدى.

نىمە ئۈچۈن «گومورو يۇقۇملۇق كېسىلى» دىگەن ئاتالغۇ كىلىپ چىققان؟

'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان 'خىتايدا زىيالىيلار ئارىسىدا تارقالغان يۇقۇملۇق گومورو كېسىلى' دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا تىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھەر قانداق سىياسىي ۋەزىيەتكە دەرھال ناھايىتى ماسلىشىپ، ئەدەبىيات سەنئەت، پەن -ئىلمىي ۋە باشقا ھەممە ساھەنى سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان بۇنداق 'گوموروچە ھادىسە' زىيالىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ كېلىۋاتقان بىرخىل ئىنتايىن رەزىل يۇقۇملۇق كېسەل. بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ياۋ جيەنفۇ ئەپەندىنىڭ گومورو يازغان ئەدەبىي ئەسەر ۋە ياكى باشقا شەكىلدىكى ماقالىلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ تەھلىل قىلىشىچە، 1976 ‏- يىلى 20 ‏- كۈنى گومورو ئەپەندى "پۈتۈن ئالەمنى زىل-زىلىگە كەلتۈردى مەدەنىيەت ئىنقىلابى. سىنىپى كۆرەشنى تۇتقا قىلغاچقا بىز ، يوقالدى ليۇ بىلەن لىن. 10 يىللىق باھار شامىلىدا گۈل -چېچەككە پۈركەندى پۈتۈن يەر - زېمىن. دېڭ شاۋپىڭ تەتۈر بۇرىغانىدى پەلەكنىڭ چارقىنى، بىت -چىت بولدى ئەمدى ئۇنىڭ ھېلىسى ۋە قەستى. ماۋجۇشى مانا بىزگە قول پۇلاڭلاتتى، توختىماي ھەممىمىز ئالغا باسىلى' دەپ كونا ئۇسلوپتا نەزمە يېزىش ئېلان قىلغان ئىدى. گومورو ئەپەندى 1976 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى يەنە "ماۋجۇشىنىڭ سادىق رەپىقىسى، سۆيۈملىك يولداش جياڭچىڭ، سىز بىزنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىمىز، سىز ھەممىدە غالىپ ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنى جانلىق ئۆگىنىپ، جانلىق ئىشلىتىشنىڭ نەمۇنىسى، مەدەنىيەت سېپىدە زەپەر قۇچۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ئاۋانگارتى، جۇڭگو سەھنىلىرىدە ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرنىڭ قەھرىمان ئوبرازىنى تىكلىگەن بايراقدارىمىز" دەپ سۆزلىدى. ئەمما 1976 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى ماۋزېدوڭ ئۆلۈپ 'تۆت كىشىلىك گۇروھ' تۇتۇلغان ھامان، گومورو ئەپەندى بۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇپ 'تۆت قىسقۇچ پاقىنىڭ ئۈچى ئەركەك، بىرى چىشى، ھاراق ئېچىشنىڭ ئەڭ ياخشى كازوسكىسى' دېدى. ئۇ يەنە خىتايچە ئەدەبىيات شەكىللىرىنىڭ بىرى بولغان 'سۇچىلار نەزمىسى' شەكلىدە ئەسەر يېزىپ "تۆت كىشىلىك گۇروھ تۇتۇلدى، پۈتۈن خەلقنىڭ گۈل- قەقەلىرى ئېچىلدى. سىياسىي لۈكچەك، ساختىپەز ئەدىپ، ئىت باشلىق قۇماندان، ئاق سۆڭەكتىن تۈرەلگەن ئايال شەيتان ھەممسى يوقالدى. ياشىسۇن دانا داھى خۇا جۇشى"دەپ يازدى. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، گومورو ئەپەندىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ، ئادەمگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بۇنداق رەڭۋازلىقلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇنى مىسالغا ئېلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بىر يىلدا تالاي قېتىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، سىياسىي ۋەزىيەت نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنى دەرھال بىجا كەلتۈرىدىغان، ھەر قانداق يېڭى خوجايىن پەيدا بولسا ئۇنىڭغا دەرھال ماسلىشىش، خۇشامەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ جان بېقىش پەلىسەپىسى قىلغان بۇنداق رەزىل ھادىسە، ئەمەلىيەتتە خىتايدا زىيالىيلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان 'يۇقۇملۇق كېسەل' ئىدى.

خىتاي زىيالىلىرى «گومورو يۇقۇملۇق كېسىلى» دىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك

گومورو ھادىسىنى تەنقىد قىلىشنى دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويغان 'جۇڭگو ياشلىرى سىياسىي ئىنىستىتوتى'نىڭ پروفېسسورى ۋاڭ دۇڭچېڭ ئەپەندىمۇ، 'خىتايدا زىيالىيلار ئارىسىدا تارقالغان يۇقۇملۇق گومورو كېسىلى' دېگەن ئوبزورنىڭ ئاپتورى ياۋ جيەنفۇ ئەپەندىمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى 'يۇقۇملۇق گومورو كېسىلى'دىن ھەرەز ئەيلەشنى تەكىتلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، سىياسىي ۋەزىيەت قانداق ئۆزگەرسە، گومورو كېسىلى يۇققان زىيالىيلار دەرھال شۇنىڭغا قاراپ تىز ئۆزگىرىپ شىېر، نەزمە، ھېكايە ياكى ئوبزور، بېغىشلىما ۋە ياكى باشقا ھەرخىل شەكلىدە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىدۇ، يېڭى خوجايىننىڭ دېگەن گېپىنى مۇتلەق ھەقىقەت دەپ شەرھىلەپ چىقىدۇ. بۇنداق 'يۇقۇملۇق گومورو كېسىلى' بار زىيالىيلاردا ئادەتتە ئادەملەردە بولىدىغان ئەدەپ-ئەخلاق، كىشىلىك غۇرۇر، ئىپتىخار، نومۇس ۋە ياكى ئىنسان تەبىئىتىگە مەنسۇپ بىرەر نەرسە بولمايدۇ. خىتايدا كىچىك ئەمەلدارلار چوڭ ئەمەلدارلارغا يالاقچىلىق قىلسا، زىيالىيلار پۈتۈن ئەمەلدارلارغا خوشامەت قىلىدۇ ۋە ھەر قانداق چىرىكلىككە دەرھال قوشۇلۇپ كىتىدۇ.

«گومورو يۇقۇملۇق كېسىلى» ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىگىلا چەكلەنمەيدۇ

'خىتايدا زىيالىيلار ئارىسىدا تارقالغان يۇقۇملۇق گومورو كېسىلى' دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، 'يۇقۇملۇق گومورو كېسىلى' مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا بولغانلا ئەمەس، ھازىرمۇ بار. 'يۇقۇملۇق گومورو كېسىلى' ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىگىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، نەزەرىيە، تەتقىقات، پەن - ئىلىم ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىگە يۇققان. 'يۇقۇملۇق گومورو كېسىلى'نىڭ تىپىك ئالامەتلىرى خىتايدا سەنمېنشا سۇ ئامبىرىنى لايىھەلىگەن ۋاقىتتىن تارتىپ تاكى سەنشا بوغىزى دېگەن ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇشنى لايىھەلەشكىچە بولغان ئۇزۇن يىللىق تەرەققىيات ئەمەلىيەتلىرىدە، زىيالىيلارنىڭ 'ئىلمىي جەھەتتىن' ئىسپاتلاپ يازغان دوكلاتلىرىدا، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ، تەدبىر ۋە شۇئارلىرىدا ياكى چىقارغان بەلگىلىمىلىرىدە، ھەممىسىدە ئۇچرايدۇ. قىسقىسى، دېھقانلارنىڭ ھازىرقى ئەسىرىمىزگە قەدەر نامراتلىقتا قېلىشىنىمۇ، بىر ھېسابتا دەل 'يۇقۇملۇق گومورو كېسىلى' بار ساختىپەز زىيالىيلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى 80 ‏- يىللارغىچە پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ ، دەپ ئىمزا قويۇپ يازغان ئىسپاتلاش دوكلاتلىرى، ھۆكۈمەتكە خۇشامەت قىلىپ سۇنغان مەدھىيىلىرى، بېغىشلىمىلىرى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېسىمۇ بولىدۇ. بۇ كىشىلەر ھازىر ئۆزلىرى خىجىل بولۇشى كېرەك. خىتايدىكى پۈتۈن زىيالىيلار، ‏-‏-‏- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ 'زىيالىيلار ئارىسىدا تارقالغان يۇقۇملۇق گومورو كېسىلى' دېگەن ئوبزورنىڭ ئاپتورى، ‏-‏-‏- گومورودەك ساختىپەزلىك-ھەييارلىق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەپ، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئالدىدا يۈزى قىزىرىپ قالىدىغان، تىلى تۇتۇلىدىغان نەرسىنى يازماسلىقى، ھەر ئىشتا راسچىل بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى، ئەخلاق ۋە نومۇسىنى ساقلىشى لازىم. (تۈگىدى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.