خىتاي ھۆكۈمىتى Google ئىنگىلىز تىلى خەۋەر تور بېتىنى پىچەتلىدى


2004.12.01

باش شىتابى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داڭلىق ئىزدەش تور بېتى بولغان Google نىڭ ئىنگىلىز تىلىدىكى خەۋەر تورىنى پىچەتلىگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي تىلىدا چىقىدىغان خەۋەر تورىدىكى سەزگۈر مەزمۇنلارنى سۈزۈپ چىقىرىۋەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى كۆرسىتىشىچە، Google شىركىتى خىتايدا، خىتاي تىلىدىكى خەۋەر تورىنى ئېچىش ئۈچۈن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خالىمايدىغان خەۋەر ۋە تور بەتلىرىنى سۈزىۋەتكەن. نەتىجىدە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ تور بېتى ۋە فالۈنگۇڭنى قوللايدىغان " ئۇلۇغ ئىرا" گېزىتىنىڭ تور بەتلىرىگە ئوخشايدىغان نۇرغۇن تور بەتلەر خىتايدىكى دا ئېچىلمايدىغان بولغان.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى Google شىركىتىنى بۇ خىل قىلمىشىنى دەرھال تۈزىتىپ، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىشقا چاقىردى.

Google شىركىتىنىڭ خەۋەر تورى دۇنيادا كىشىلەر ئەڭ كۆپ كۆرىدىغان تور بەتلىرىنىڭ بىرى. Google نىڭ ئىنگىلىز تىلىدىكى تور بېتىدە دۇنيادىكى تۆت مىڭدىن ئارتۇق خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ خەۋىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلارنىڭ مۇخبىرى سەيشەنبە كۈنى خىتايدا تۇرۇپ مەزكۇر تور بەتكە چىقالمىغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.