خىتاي شىركەتلىرى ئادەم تېرىسىدىن گرىم بۇيۇملىرى ياسىماقتا


2005.09.13

ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان بىر گېزىتنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتايدا بىر گرىم بۇيۇملىرى شىركىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ تېرىسىنى سويۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن ياسالغان گرىم بۇيۇملىرىنى ياۋروپا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەنگىلىيە "مۇداپىئە" گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مۇناسىۋەتلىك كشىلەر مەخپىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىتايدىكى مەزكۇر گرىم بۇيۇملىرى شىركىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ تاشلانغان جىنايەتچىلەرنىڭ تېرىسىدىن بىر خىل ئاقسىل ماددىسىنى ئايرىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن لەۋ سۇرۇخ ۋە قورۇقنى يوقۇتۇش مېيى ئىشلەپچىقارغانلىقىنى بايقىغان.

"مۇداپىئە گېزىتى "مەزكۇر شىركەتنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى ئەنگىلىيىگە ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. " مۇداپىئە " گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىنسانپەرۋەرلىك ئەخلاقىغا يات بولغان بۇ قىلمىش كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيان سالىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇزۇندىن بېرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش بىلەن ئەيىپلەنمەكتە ئىدى. ئەمما ئۆلگەن مەھبۇسلارنىڭ تېرىسىدىن گرىم بۇيۇملىرى ياساش سەتچىلىكىنىڭ تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.