گۇاڭشى ياڭشۇ ناھىيىسىدىكى ئامما ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى
2007.10.02
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ -2 ئۆكتەبىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، -1 ئۆكتەبىر گۇاڭشىنىڭ ياڭشۇ ناھىيىسىدىكى ئامما ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغىنىدا ھۆكۈمەت ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان.
ئاممىنىڭ نارازىلىقىغا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يۈلۇڭ دەرياسى ساياھەت مۇلازىمىتىنى توختاتقانلىقى سەۋەب بولغان بولۇپ، نەچچە ئونلىغان ئامما دۈشەنبە كۈنى يۇلۇڭ دەرياسىنىڭ پىرېستانىدا نارازىلىق بىلدۈرگەندە، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى ئۇلارنى تارقىلىشقا بۇيرۇق قىلغان . نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن . ساقچىلار ھەتتا ئاممىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەمدە نارازىلىق بىلدۈرگەن بەزى كىشىلەرنى تۇتۇپ كەتكەن.
ئارقىدىن مىڭغا يېقىن كىشى يەرلىك ساقچىخانا ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ تۇتۇۋالغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما رەت قىلىشقا ئۇچرىغان.
ھۆكۈمەت يۇلۇڭ دەرياسى ساياھەتچىلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ باشقۇرۇش مەقسىتىدە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن شەخسى مۇلازىمەت قىلىۋاتقان قېيىقچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىشىنى توسىغان ۋە بۇ خىل دەريادا قېيىق ئارقىلىق ساياھەت قىلىش تۈرىنى بىر ساياھەت شىركىتىگە كۆتۈرىگە بەرگەن. يۇلۇڭ دەرياسىدا ساياھەت مۇلازىمىتى قىلىۋاتقان ئاممىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ باشقۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئورتاق مائاش بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قېيىقچىلارنىڭ تىجارىتىنى توختاتقان.
ئامما مەنپەئەت جەھەتتە باراۋەرسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ ئىش تاشلىغان ھەم بۇنىڭ بىلەن يۈلۇڭ دەرياسى ساياھەتچىلىكىمۇ ئىلگىرىكى ئاۋاتلىقىنى يوقاتقان . قېيىقچىلارنىڭ پىرىستانىمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇزىۋىتىلگەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى
- چۇڭچىڭدا ساقچىلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- سەندۇڭدا تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلدى
- جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاش سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەردى
- ئىچكى موڭغۇلدا 5 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى
- جېڭجو شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت توقۇنۇشى پەيدا قىلغان ئەمەلدارلارنى سوتلاش ئۈچۈن ئادۋوكاتلار ھەقسىز مۇلازىمەتكە تەييار
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى كەيپىيات يەنىلا جىددى
- گۇاڭشى بوبەيدىكى دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىقى مەتبۇئاتلاردا مۇلاھىزە قىلىنماقتا