گۇاڭشى ياڭشۇ ناھىيىسىدىكى ئامما ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ -2 ئۆكتەبىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، -1 ئۆكتەبىر گۇاڭشىنىڭ ياڭشۇ ناھىيىسىدىكى ئامما ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغىنىدا ھۆكۈمەت ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

ئاممىنىڭ نارازىلىقىغا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يۈلۇڭ دەرياسى ساياھەت مۇلازىمىتىنى توختاتقانلىقى سەۋەب بولغان بولۇپ، نەچچە ئونلىغان ئامما دۈشەنبە كۈنى يۇلۇڭ دەرياسىنىڭ پىرېستانىدا نارازىلىق بىلدۈرگەندە، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى ئۇلارنى تارقىلىشقا بۇيرۇق قىلغان . نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن . ساقچىلار ھەتتا ئاممىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ھەمدە نارازىلىق بىلدۈرگەن بەزى كىشىلەرنى تۇتۇپ كەتكەن.

ئارقىدىن مىڭغا يېقىن كىشى يەرلىك ساقچىخانا ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ تۇتۇۋالغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما رەت قىلىشقا ئۇچرىغان.

ھۆكۈمەت يۇلۇڭ دەرياسى ساياھەتچىلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ باشقۇرۇش مەقسىتىدە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن شەخسى مۇلازىمەت قىلىۋاتقان قېيىقچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىشىنى توسىغان ۋە بۇ خىل دەريادا قېيىق ئارقىلىق ساياھەت قىلىش تۈرىنى بىر ساياھەت شىركىتىگە كۆتۈرىگە بەرگەن. يۇلۇڭ دەرياسىدا ساياھەت مۇلازىمىتى قىلىۋاتقان ئاممىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ باشقۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئورتاق مائاش بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قېيىقچىلارنىڭ تىجارىتىنى توختاتقان.

ئامما مەنپەئەت جەھەتتە باراۋەرسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ ئىش تاشلىغان ھەم بۇنىڭ بىلەن يۈلۇڭ دەرياسى ساياھەتچىلىكىمۇ ئىلگىرىكى ئاۋاتلىقىنى يوقاتقان . قېيىقچىلارنىڭ پىرىستانىمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇزىۋىتىلگەن. (گۈلچېھرە)