گۇاڭشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى توپىلاڭ تېخى تىنجىمىدى


2007.05.24

خىتاينىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسى بوبەي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا . ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى بوبەي ناھىيىسى شاخې يېزىلىق ھۆكۈمىتى 3 مىڭغا يېقىن يېزا ئاھالىسى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن، ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا بوبەيدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى رۇڭ شەن زىلاڭ يېزىسىدا ساقچىلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش مەيدانغا كەلگەن ھەمدە 10 نەچچە ئادەم ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان.

بوبەي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر جەرىمانە جازاسى تۈپەيلى، خىتاي دېھقانلىرى تاغ ئىچىگە يوشۇرۇنۇش ئۈچۈن، مۇھىم بىساتلىرىنى ئېلىپ قاچماقتا ئىكەن. شۇيمىڭ يېزىسىدىكى 200 ئاھالىنىڭ 100دىن كۆپرەكى ئاللىقاچان باشقا جايلارغا قېچىپ كەتكەن.

دېھقانلار يەنە، ھەر بىر يېزىدىن ۋەكىل چىقىرىپ، 20 دىن ئارتۇق كىشىنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يولغا سالغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى توپىلاڭ يۈز بېرىپ بىر ھەپتىگىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلمىغان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى نۆۋەتتە 28 كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىراق ئىستانسىمىزغا تېلېفۇن ئۇرغان دېھقانلار ، ساقچىلارنىڭ پەقەت شۇيمىڭ ۋە يۇڭئەن يېزىلىرىدىن ئاز دېگەندە 300 گە يېقىن ئادەمنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى، چارشەنبە كۈنى يەنە 100 گە يېقىن ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنىپ قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.(ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.