گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت توقۇنۇشى پەيدا قىلغان ئەمەلدارلارنى سوتلاش ئۈچۈن ئادۋوكاتلار ھەقسىز مۇلازىمەتكە تەييار


2007.05.30

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى يۈلىن شەھىرىنىڭ بوبەي ناھىيىسىدە، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە نارازى بولغان كەنت پۇقرالىرى 5 ‏- ئاينىڭ 17 ‏- كۈنىدىن 20 ‏- كۈنىگىچە، بىر نەچچە كەنتتە بىرلا ۋاقىتتا زوراۋانلىق ھەرىكەت قوزغاپ، كەڭ كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.

باشقىلار بىلەن ئالاقە باغلاپ ھەرىكەت قوزغىغان 28 كىشىنى ساقچىلار قولغا ئالغان. ئەمما كەنت پۇقرالىرىنىڭ ب ب س مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچىلىرى كەنتلەرگە كېلىپ، ھۆكۈمەتكە تەلەپ قويغانلىكى ئادەمگە زەربە بەرگەن، تۇتالىغاننى تۇتقان، ئۇلارنىڭ تورالغۇلىرىنى چېقىپ مۈلكىنى بۇلىغان.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، گۇاڭشىدا يۈز بەرگەن پىلانلىق تۇغۇت توقۇنۇشى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ. 5 ‏- ئاينىڭ 29 ‏- كۈنى، رۇڭشەن ناھىيىسىنىڭ ياڭمېي كەنتىدە يەنە بىرنەچچە يۈز كەنت پۇقراسى توپلىنىپ كېلىپ پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنى قورشىۋالغان.

ئۇلار ھۆكۈمەتتىن پىلانلىق تۇغۇت سەۋەبىدىن خەلققە قويغان جەرىمانىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بېيجىڭدىكى خەن يىسۈن قاتارلىق ئادۋوكاتلار گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت توقۇنۇشى پەيدا قىلغان ئەمەلدارلارنى سوتلاش ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.