خىتاي دېھقانلار "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى"گە قارشى يەنە نامايىش قىلدى


2007.05.31

31 - ماي گۇاڭشى ئۆلكىسى يۈنلىن شەھىرى تەۋەسىدىكى يەنە بىر يېزىدا، يۈزلىگەن خىتاي دېھقانلار "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى"گە قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ گۇاڭشى ئۆلكىسىدە بۇ ئاينىڭ بېشىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارىشى يۈز بەرگەن بىر قاتار نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، نامايىشچىلار ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىغا ئوت قويغان.

گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ياڭۋېي يېزىسى يۈنلىن شەھىرىنىڭ رۇڭ شىيەن ناھىيىسىگە قارايدۇ.

بۇ يېزىدا يۈز بەرگەن نامايىش جەريانىدا، نۇرغۇنلىغان دېھقانلار يېزىلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، بىردىن ئوشۇق بالا ئالدىڭ دەپ يىغىۋېلىنغان جەرىمانە پۇللارنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

نام ‏- شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدار: " ئۇلار ئىشخانىغا بېسىپ كىردى، ئىشكاپلارنى ئۇرۇپ چاقتى ۋە ھۆكۈمەت ماشىنىسىغا ئوت قويۇۋەتتى" دېدى.

مۇشۇ ئاينىڭ 17 -، 20 - كۈنلىرى گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ بوبەي ناھىيىسىدە مىڭلىغان ئامما خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەت بىناسىغا بېسىپ كىرگەن، ماشىنىلارنى كۆيدۈرگەن ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ئىدى.

بۇ قېتىملىق نامايىشتا، يەتتە ئادەم نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغان دەپ قولغا ئېلىنغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.