گومىنداڭ رەھبىرىنىڭ بېيجىڭدىكى زىيارىتى تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى


2005.04.01

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بەش كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جۈمە كۈنى تەيۋەنگە قايتقان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ بىنكۇننىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇلۇقىدىكى زىيارىتى، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەنلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۈچرىدى.

چېن شۈيبيەن جۈمە كۈنى گومىنداڭ ۋەكىلىنىڭ تەيۋەنگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، " تەيۋەننىڭ ئۆز دۆلىتى بار، ئۆز ھۆكۈمىتى بار. باشقىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا جىددى ۋە سەزگۈر مەسىلىلەردە ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ يول قويۇشىنى ياكى رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى. گومىنداڭنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ بىنكۇن بەش كۈننىڭ ئالدىدا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىدىكى جيا چىڭلىن، تاڭ جياشۇەن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ بىنكۇن، خىتاي دۆلەت كابىنتى تەيۋەن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن يۈنلىن بىلەن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى بويىچە 10 نۇقتىلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. خىتاي سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەننى خىتايغا تەكلىپ قىلغان.

تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇليەن، گومىنداڭنى " تەيۋەن خەلقىغە يۈز كېلەلمەيدۇ،" دەپ ئەيىپلىدى. ئۇ، گومىنداڭنىڭ ئىلگىرىكى " كومپارتىيىگە قارشى تۇرىدىغان" پارتىيىنى " كومپارتىيەپەرەس" پارتىيىگە ئېغىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چېن شۈيبيەن، "ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئورتاق تونۇشى بولمىسا، گومىنداڭ - كومپارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟" دەپ سوئال قويغان. تەيۋەن چوڭ قۇرۇلۇق كومىتېتىتىمۇ جۈمە كۈنى جاڭ بىنكۇننىڭ زىيارىتىنى ئاغمىچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.