تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ليەن جەن خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىدۇ


2005.04.19

تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى لىن فىڭجىڭ، بېيجىڭدا گومىنداڭ رەئىسى ليەن جەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق زىيارىتىنى ئورۇنلاشتۇرماقتىكەن. ليەن جەننىڭ بېيجىڭدىكى زىيارەت كۈنتەرتىپى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.

بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ليەن جەن بىلەن 29 - ئاپرىلدا ئۇچرۇشىدىكەن. لىن فىڭجىڭ، سەيشەنبە كۈنگە قەدەر بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ تەيۋەن ئىشلار ئىشخانىسى مۇدىرى چىن يۈنلىن بىلەن، ليەن جەننىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ليەن جەن خىتايدىكى سەپىرىدە نەنجىڭ، بېيجىڭ، شىئەن ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ، خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىش بىلەن بىرگە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.

لىن فىڭجىڭ، ليەن جەننىڭ زىيارەت جەريانىدا كومپارتىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش ياكى ئىمزالىمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. ئەمما تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى، سەيشەنبە كۈنى "تەيۋەندىكى ھەر قانداق بىر سىياسى پارتىيىنىڭ بىر جوڭگو پرىنسىپىنى قوبۇل قىلىش شەرتى ئاستىدا چوڭ قۇرۇقلۇقنى زىيارەت قىلىشىغا" شۇنداقلا " ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز بېيجىڭ تەرەپ بىلەن تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ياتىدىغان مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى" جاكارلىدى.

تەيۋەن ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنتىدىكى پارتىيە گۇرۇپپىسى، تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى رۇخسەتسىز زىيارەت قىلىشىنى چەكلەش توغرىسىدا قانۇن تەكلىپ لايىھىسى بەرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.