"تۆت كىشىلىك گۇرۇھ" نىڭ بىرى جاڭ چۈنچياۋ ئۆلگەن


2005.05.10

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى ماۋ زېدوڭنىڭ ئايالى جاڭ چىڭ يىتەكچىلىكىدىكى " تۆت كىشىلىك گۇرۇھ" نىڭ بىرى جاڭ چۈنچياۋ راك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆتكەن ئايدا ئۆلگەن. بۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى جاڭ چۈنچياۋنىڭ ئۆلۈمىنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىلگىرى بەزى مەتبۇئاتلار جاڭ چۈنچياۋنىڭ 1991 - يىلى ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى جاڭ چۈنجياۋنىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ھازىرغا قەدەر ئىنكاس قايتۇرمىغان. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاڭ چۈنچياۋ 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئۆلگەن. ئەمما شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى نېمە ئۈچۈن ئەمدى ئېلان قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

جاڭ چىڭ باشچىلىقىدىكى "تۆتكىشىلىك گۇرۇھ" 1976 - يىلدىكى سىياسى ئۆزگىرىش بىلەن ئاغدۇرۇلدى. ئۇلار 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن. جاڭ چىڭ 1991 -يىلى 5 - ئايدا ئۆلىۋالدى. ۋاڭ خوڭۋېن 1992 - يىلى ئۆلگەن. ياۋ ۋېنيۈئەن " تۆت كىشىلىك گۇرۇھ" نىڭ ئىچىدىكى ھازىرغا قەدەر ياشاۋاتقان بىردىن بىر كىشى. ئۇ، 1996 - يىلى قويۇپ بېرىلگەن. جاڭ چۈنچياۋغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى 1983 - يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن، كېيىن 18 يىلغا قىسقارتىلغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.