يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش خىتايدا غەلىتە ھاۋا كىلىماتى ھاسىل قىلماقتا

30 -ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى، خىتاي ھاۋارايى ئالدىن مەلۇم قىلىش تارماقلىرى شاڭخەينىڭ بۇ يىل ئەڭ ئىسسىق يازنى بېشىدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلىۋاتقان پەيتلەردە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا قۇرغاقچىلىق ۋە سۇ ئاپەتلىرى يۈز بەرمەكتە ئىدى.

30 -ئىيۇل كۈنى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى شاڭخەي گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.6 سېلسىيە گرادۇسقا ئۆرلەپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.

جۇڭگو گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا قۇرغاقچىلىق ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرى ئىزچىل ھالدا تەھدىت سۈپىتىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي مۇتەخەسسىسلەر بۇنى يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

شۇنىڭغا يانداشقان ھالدا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي رايونىدا ئۇدا نەچچە ئون كۈن داۋاملاشقان قۇرغاق كىلىماتنىڭ تەسىرىدە، ئالتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇلۈنگۈر دەرياسىدا بىر ئايدىن بۇيان سۇ توختاپ قېلىش ھادىسىسى كېلىپ چىققان.

تەڭرىتاغ تورى 30- ئىيۇل بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەردە مەزكۇر "دەريا بويىغا جايلاشقان 350 مىڭ مو يەردىكى ئېتىزدا ھوسۇل كېمىيىپ كېتىش ۋەزىيىتى مۇقىملىشىپ قالدى" دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلۈنگۈر دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان بۇرۇلتوقاي ناھىيىسىدە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق ھادىسىسى كۆرۈنگەن.

ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غەربىي قىسمىدا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى كۆرۈلۈپ 90 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ، 20 نەچچە ئادەمنىڭ ئىزى-دېرىكى بولمىغان ئىدى. (جۈمە)