خىتاي ھۆكۈمىتى ۋېيتنامنىڭ يېڭى ئاۋىئاتسىيە پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋېيتنام دائىرىلىرىنىڭ تالاش - تارتىشتىكى سىپراتلىي تاقىم ئارىلىغا ھاۋا يولى قاتنىشى يولغا قويماقچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

بۇنىڭ ئالدىدا، ۋېيتنامنىڭ مۇئاۋىن قاتناش مىنىستىرى تىيەن سەم (Tien Sam) بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە سىپارتلىي ئارىلىدا كىچىك كۆلەمدىكى ئايرودرومنىڭ پۈتۈشى بىلەن مەزكۈر دۆلەتنىڭ سىپراتلىيغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان قاتنىشىنى يولغا قويۇشى مومكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا، " ۋېيتنامنىڭ تالاش- تارتىشتىكى سىپراتلىي تاقىم ئارىلىغا ھاۋا يولى قاتنىشىنى يولغا قويۇش پىلانى، قانۇنسىز ھەمدە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا دەخلىي تەرۇز قىلغانلىق " دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى مول دەپ قارالغان سىپراتلىي تاقىم ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى تالىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بىراق سىپراتلىي تاقىم ئارىلىدا ئاللىقاچان ۋېيتنامنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھەربى ئەسلىھەلەرىنى قۇرۇلغان. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بۇ سەۋەپتىن يىرىك بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. (ئارزۇ)