تىبەتلەرنىڭ نەسلى يوقىلىش ئالدىدىكى ھايۋانلارنى قوغداش ھەرىكىتى بېيجىڭنى بىئارام قىلدى

ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ جۈمە كۈنى تەكىتلىشىچە، نەچچە مىڭلىغان تىبەت پۇقراسى دالاي لامانىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ھايۋان تېرىلىرىنى كۆيدۈرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتتىن بىئارام بولۇپ ھازىرغىچە 9 كىشىنى قولغا ئالغان.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتناشقان كىشىلەردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، "شەرقىي تىبەت رايونىدا 600 مىليون يۈەنلىك ياۋايى ھايۋان تېرىسى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن " . كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھايۋان تېرىلىرى ئىچىدە يولۋاس، قاپلان، قۇندۇز قاتارلىق تىبەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان قىممەت باھالىق ھايۋان تېرىلىرى بار. لېكىن بۇ ھەرىكەت خىتاي دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈرگەن.

گېرمانىيىدىكى تىبەت ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت پۇقرالىرى چىڭخەيدىكى كىرتى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىغا ھايۋان تېرىلىرىنى توپلاپ كۆيدۈرمەكچى بولغاندا خىتاي دائىرىلىرى يول قويمىغان. ھىندىستاندىكى ياۋايى ھايۋانلار ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى، بۇ جەرياندا 9 كىشىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇلارنىڭ ئىككىسى خىتاي پۇقراسى ئىكەن. تىبەت ئاپتونوم رايونىدىن دارامسالاغا قېچىپ بارغان تىبەت راھىبى لوبسوڭ چوپېل، " بۇ ۋەقە بىز ئۈچۈن دۇنياغا بولۇپمۇ خىتايغا تىبەتلەرنىڭ دالاي لامانى قانچىلىك قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، " دەيدۇ.

تىبەت ئاپتونوم رايونىدا دالاي لامانىڭ چاقىرىقى بىلەن قوزغالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ھەرىكىتى، دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان كۈنى بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى. (ئەركىن)