يەتتە دۆلەتنىڭ ساقچى ئىدارە مەسئۇللىرى، تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى


2004.11.23

خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركىيە ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ پايتەختلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، 23 - نويابىر كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى، بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسائىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىمۇ، ھەمكارلىشىشقا ئائىت مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرگە ئايلانغان.

بۇ قېتىمقى يىغىندا يەتتە دۆلەتنىڭ ساقچى دائىرلىرى، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە چېگرا ئاتلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش، چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان.

بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يەنە، 2008 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بېيجىڭ ساقچىلىرى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا يەتتە دۆلەتنىڭ ساقچى دائىرىلىرى، دۆلەت ھەمكارلىقىغا ئائىت بىرلەشمە ھۆججەتكە قول قويىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.