خىتاي، ھىندىستان ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ


2005.05.31

خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈچ تەرەپلىمىلىك يىغىنى، 2 - ئىيۇندا رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى ۋلادىۋىستوك شەھىرىدە چاقىرىلىدۇ.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، يىغىننىڭ ئاساسى كۈنتەرتىپى ئېنىرگىيە مەسىلىسىگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىقتىسادى ئىگىلىكى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ھىندىستان بىلەن خىتاي، رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى نېفىت ۋە تەبئىي گاز زاپىسىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. رۇسىيە ھازىرغا قەدەر نېفىت مەھسۇلاتىنىڭ 80 ٪ نى ياۋروپاغا ساتىدۇ. ھىندىستان، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىلگىرى كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۆھبەتلەر ب د ت دا ياكى رايون خاراكتېرلىك يىغىنلار ئارلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ قېتىم ئۈچ تەرەپلىمىلىك سۆھبەتنىڭ مەخسۇس ۋلادىۋىستوكتا چاقىرىلىشى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن. ھىندىستان، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ سۆھبەت مىخانىزىمى قۇرۇش تەكلىپىنى 1990 - يىللاردا سابىق رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پرىماكوۋ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئۇ خىتاي، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىغان. يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەت بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق خەلقئارا تەسىرىنى مۇستەھكملەشنى ئويلىسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار ۋە رىقابەت، ئۇلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق روھىدىن چوڭقۇر، دەپ كۆرسەتمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈئەن يىغىننى ئىنتايىن مۇھىم ئۇچرۇشۇش، دەپ ئەسكەرتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.