خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭچۈئەن، پەيشەنبە كۈنى تاجىكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى باشلىدى.
خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خوشنا بۇ دۆلەتلەردە ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچى كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ساۋ گۇئاڭچۈئەننىڭ زىيارىتىنى تاجىكىستان ۋە قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان “ھال سوراش زىيارىتى،” دەپ كۆرسەتتى.
تاجىكىستان بىلەن قازاقىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر يېقىندا ئامېرىكىدىن ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستاندىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە چاقىرغان.
ساۋ گۇئاڭچۈئەن تاجىكىستانغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەپتە موسكۋادا رۇسىيە بىلەن IL – 76 بەلگىلىك ترانسپورت ئايروپىلانى ۋە IL – 78 بەلگىلىك ماي قاچىلاش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش توختىمى تۈزدى. بۇنىڭ ئالدىدا ئىككى دۆلەت بۇ يىل 8 - ئايدا سەندوڭدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، خىتاينىڭ ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئۇلارنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنىشتىن قورقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي بۇ يىل 5 - ئايدا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئەنجاندىكى ئىسياننى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغان. ئەمما غەرب ئەللىرى كېرىموف ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)