پۇتىن بىلەن ۋېن جياباۋ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسلىسىدە سۆھبەتلەشتى


2005.10.26

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش مىنىستىرلار يىغىنى مەزگىلىدە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن موسكۋادا ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يىللىق سودا سوممىسىنىڭ ئۇلار پىلانلىغان 28 مىليارد ئامېرىكا دوللاردىنمۇ كۆپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چارشەنبە ۋە پەيشەنبە ئىككى كۈن داۋام قىلغان مەزكۇر يىغىنغا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق 6 دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە، پاكىستان، ئىران، ھىندىستان ۋە موڭغولىيە ۋەكىللىرىمۇ كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقان.

بۇ يىغىندا بىخەتەرلىك مەسىلىسى يەنىلا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تېما بولىدىكەن. ئەنگلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى خەۋىرىدە، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۆكتىچى پائالىيەتلەرنىڭ، خىتاي ۋە رۇسىيىنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈچىدىن ئەنسىرىسە، رۇسىيىنىڭ چېچەنلەردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى يازغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئامېرىكىنىڭ كۈچىگە تاقابىل تۇرىدىغان كۈچ بولۇشنى خالايدۇ. بۇ يىل 7 - ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەتتا، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.