رۇسىيە، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بېيجىڭدا جەم بولدى


2006.04.25

رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 4 جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سەيشەنبە كۈنى ئاتالمىش تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭدا جەم بولدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرى چارشەنبە كۈنى "ئۈچ خىل كۈچلەر" بىلەن كۈرەش قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

چىن گاڭ سەيشەنبە كۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا " يىغىن جەريانىدا مىنىستىرلار رايون بىخەتەرلىكى ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى قانداق كۈرەش قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ " دېدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى سىياسىي ، دىنىي زاتلارنى، ئۆكتىچىلەرنى ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش تەرەپدارلىرىنى " دىنىي ئەسەبىي، بۆلگۈنچى ۋە تېررورچى " دەپ ئەيىبلىمەكتە. لېكىن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شاڭخەي گۇرۇھىنى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشى جەريانىدا كۈچەيگەن رايوندىكى تەسىرىگە قارشى بالانىسنى ساقلاش ئۈچۈن قۇرۇلغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاڭخەي گۇرۇھى 1996 - يىلى رۇسىيە، خىتاي، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستانلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە ئۆزبېكىستان بۇ ئورگانغا 2001 - ئەزا بولدى. شاڭخەي گۇرۇھى 2005 - يىلى مايدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجاندىكى نامايىشنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.