شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى موسكۋادا يىغىن ئاچتى


2006.05.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رۇسىيە بىلەن خىتاي باشچىلىقىدىكى شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى سەيشەنبە كۈنى موسكۋادا يىغىن ئېچىپ، شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى رۇسىيە رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلار بىلەن موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پارلامېنت باشلىقلىرىنى كرىمىل سارىيىدا كۈتىۋېلىپ، شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ رولىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " بىز بۇ تەشكىلاتىمىزنىڭ خەلقئاراۋىي رىقابەت كۈچىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك " دەيدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1996 -يىلى قۇرۇلغان. بۇ يىل 6 - ئايدا بۇ تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرلەنمەكچى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ تەشكىلات يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىگە قارشى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى رول ئويناشنى كۈچەيتمەكتە. ئۆتكەن يىلى شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە چاقىرغان. ۋلادىمىر پۇتىن كرىمىل سارىيىدا پارلامېنت باشلىقلىرىغا " بىزنىڭ مەنپەتىمىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ياۋرو - ئاسىيادا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتچىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش" دەيدۇ.

شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاپ كەلمەكتە. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ۋلادىمىر پۇتىن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. پۇتىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ بۇ يىل ئىچىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن 4 قېتىم ئۇچرىشىدىكەن. ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد بۇ ئورگاننىڭ شاڭخەيدە چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلىندى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.