ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى تېررورلۇققا قارشى ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلماقتا


2006-06-06
Share

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى جاڭ دېگۇاڭ سەيشەنبە كۈنى شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر تېررورلۇق تەھدىتكە قارشى ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىش پىلانى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جاڭ دېگۇاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي قىسىمىدىكى توقۇنۇشلارغا ئارىلىشىش نىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئەزا دۆلەتلەر تېرورچى ياكى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىسا، ئۇنىڭغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىش كېلىشىمى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ئۇ، " بىز ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پرىنسىپىدا قەتئى چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. لېكىن بۇ بىز بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللىمەيمىز ۋە تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بارمايمىز دېگەنلىك ئەمەس" دەيدۇ.

جاڭ دېگۇاڭ، ئىچكىي توقۇنۇش بىلەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ چەك -چېگرىسىنى قانداق ئايرىيدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. 2005 - يىلى 5 - ئايدا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كەرىموف، ئەنجان ۋەقەسىنى باستۇرغاندا شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر كەرىموفنى قوللىغان. لېكىن ئامېرىكا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تاشكەنت ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. جاڭ دېگۇاڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشقا دۆلەتلەر بىلەن تىركىشىش يولىنى ئىزدىمەيدۇ، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇ تەشكىلاتنى ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تەسىرىگە ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى قوللانماقتا، دەپ كۆرسەتتى.

شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ كېلەر ھەپتە شاڭخەيدە چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا ئىران، ھىندىستان، پاكىستان ۋە موڭغۇلىيىلەر كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە قاتنىشىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت