بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مېھمانخانىنىڭ ئەتراپىغا نەچچە يۈز كىشىلىك ساقچى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە يىغىن ئېچىلىدىغان رايوندا چوڭ يولغا قارايدىغان قەۋەتلىك بىنالارنىڭ دېرىزىلىرىنى پۈتۈنلەي تاقىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شاڭخەينىڭ لۇجيازى سودا رايونىدىكى چوڭ يوللار، يەر ئاستى پويىز ۋە تونىللاردا قاتناش توختايدىكەن. مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى يىغىن ئاخىرلاشقىچە تاقاش تەلەپ قىلىنغان.
يىغىنغا ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنىجاد ئىشتىراك قىلىدۇ. خىتاي يىغىندا ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى جاڭ دېگۇئاڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا ئىراننى ئىما قىلىپ، "ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ تېررورلۇقنى قوللىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولساق يىغىنغا تەكلىپ قىلمىغان بولاتتۇق" دەيدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدا "يېڭى خەلقئارا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپ" بەرپا قىلىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كامبىرىج ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دەيۋىد خوللنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭەيسە، دۇنيانىڭ ئەڭ زور نېفىت، تەبئىي گاز ۋە يادرو كۈچ پارچىسىنى كونترول قىلىدىغان ئورگانغا ئايلىنىشى مۇمكىن" .
ئامېرىكا بىخەتەرلىك سىياسىتى مەركىزى، مەنگىس يېرىم شار بىخەتەرلىك پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى كرىستوفىر بروۋېن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى "ئامېرىكا ئىلگىرى يولۇقۇپ باقمىغان ناھايىتى خەتەرلىك تەشكىلات" دەپ ئاتىدى. خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى NATO غا ئوخشاش ھەربىي تەشكىلات ئەمەس، دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم 2003 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بارغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىم ھەربىي مانىۋېر ئۇيۇشتۇرغان. (ئەركىن)