خىتاي ھۆكۈمىتى ياپۇنىيىگە تەھدىد ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ياپۇنىيىگە ھەربىي تەھدىد ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياپۇنىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغا رەددىيە بەردى.

"ياپۇنىيە ئىقتىسات خەۋىرى" گېزىتى چارشەنبە كۈنى،ياپۇنىيە باش مىنىستىرى مەسلىھەتچىلەر كومىتىتىنىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياپۇنىيە باش مىنىستىرىغا سۇنىدىغان دۆلەت مۇداپىئە دوكلاتىدا خىتاينى ياپۇنىيىگە ھەربىي تەھدىد دەپ كىرگۈزىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈەن پەيشەنبە كۈنى باياناتىدا، خىتاينىڭ ھەر قاچان ياپۇنىيە بىلەن بولغان خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە زىيان ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي راسخوتىنىڭ تېز ئىشىشى ياپۇنىيە دائىرىلىرىنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ياپۇنىيىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ۋاقىتتايەنە، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردە ياپۇنىيىنىڭ خىتايغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنىڭ 73 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،بۇ خىتايدىكى مىللەتچىلىك ۋە ياپۇنىيىگە قارشى كەيپىياتلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر ئىپادىسى ئىكەن. (ئارزۇ)