تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خىتاينى نىشانلىغان ھەربىي خىراجەت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
2004.09.22
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى چارشەنبە كۈنى قانۇن پالاتاسىغا 5 يىللىق ھەربىي قۇرۇلۇش دوكلاتىنى سۇنۇپ، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى بەش يىلدا 49 مىليارد 5 يۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرى ھەربىي خىراجەتكە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوكلاتتا يەنە، 2012- يىلدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيۋەن مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇلىيەن، تەيۋەننىڭ نۆۋەتتە خىتايدىن كېلىدىغان كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ھەربىي تەھدىتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، "ئەگەر بەزى كىشىلەر يەنە 'تەيۋەن ھەربىي قورال سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس' دەيدىكەن، بۇنىڭ ئۆزى خام خىيال قىلىش ياكى سۈلھىيلەشكەنلىك" دەپ بىلدۈردى. (پەرىدە)
- جىياڭ زېمىن، تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى
- چىن شۈيبىيەن: خىتاي ھاكىمىيتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن باشقىچە ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك
- خىتاي ھۆكۈمىتى ياپۇنىيىگە تەھدىد ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي چېن شۈيبىيەننىڭ "تەيۋەن" ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش تەلىپىنى ئەيىبلىدى
- تەيۋەن تەرەپ خىتاينىڭ ھايتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەركەتلىرىنى يېقىندىن كۈزەتمەكتە
- تەيۋەن خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىگىلىك ھوقوقىنى قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىنى ئەيىبلىدى
- تەيۋەن تەرەپ، يېقىندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېىۋىرنى بىكار قىلدى
- ياپونىيە خىتايدىكى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا قېلىپ قالغان خىمىيىلىك قوراللارنى تازىلايدۇ
- چېن شۈيىيەن لاتىن ئامېرىكا سەپىرىدە ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتمەكچى