تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى چارشەنبە كۈنى قانۇن پالاتاسىغا 5 يىللىق ھەربىي قۇرۇلۇش دوكلاتىنى سۇنۇپ، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى بەش يىلدا 49 مىليارد 5 يۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرى ھەربىي خىراجەتكە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوكلاتتا يەنە، 2012- يىلدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيۋەن مۇئاۋىن پرېزىدېنتى لۈ شيۇلىيەن، تەيۋەننىڭ نۆۋەتتە خىتايدىن كېلىدىغان كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ھەربىي تەھدىتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، "ئەگەر بەزى كىشىلەر يەنە 'تەيۋەن ھەربىي قورال سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس' دەيدىكەن، بۇنىڭ ئۆزى خام خىيال قىلىش ياكى سۈلھىيلەشكەنلىك" دەپ بىلدۈردى. (پەرىدە)