بىر نەپەر ئامېرىكا ئاخبارات خادىمى يېقىندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كەلگۈسىدىكى 10 يىل ئىچىدە يېڭىدىن 3 خىلدىكى ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى دېيۋىد گوردېن بۇ پەرەزنى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىتېتقا بەرگەن دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ يەنە، خىتاينىڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تەيۋەن بوغىزىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گوردېن مەزكۇر كومىتېتتا قىلغان سۆزىدە يەنە، ئىستراتېگىيىلىك ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق نىشانى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي كەلگۈسى 10 يىلدا ئورناتماقچى بولىۋاتقان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، قىتئە-ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا، بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق 3 خىلدىكى ئىلغار بومبىلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە كۈچى تېخىمۇ ئىلغار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانى، ئىككى قىرغاقنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپلا قالماي، ئامېرىكا ئارمىيىسنىڭ بۇ رايوندىكى كۈچىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
بۇ ئارىدا ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى سەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)