خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا قوشۇن چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى تەلەپلەر ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دېدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۈ جەنچاۋ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىندۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق بىر كۈن بەلگىلەش توغرىسىدىكى تەلەپلەرگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دېدى.

ئۇ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئامېرىكىنىڭ باشچىلىقىدا رايوندا ئېلىپ بېرىلغان تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. لېكىن ھازىر ۋەزىيەت ئۆزگەردى، دېگەن.

ئۆتكەن ھەپتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى جەريانىدا، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي قىسىملىرىنى قاچان چىكىندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر كۈن بەلگىلەشكە چاقىرغان ئىدى.

يەكشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ئاۋازلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قولغا كەلتۈرگەن قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىغا پاراللېل ھالدا، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇش مەسىلىسى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك، دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس يەكشەنبە كۈنى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا بېيجىڭدا بەرگەن باياناتىدا، ئافغانىستاندا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ئېنىق بىر ۋاقىت بەلگىلەش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان. ئەمما، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخى باقىيېفنىڭ باياناتىغا رەسمى بىر جاۋاب قايتۇرمىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي چېگرىسىغا يېقىن بىر رايوندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ۋە رايوندىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ خىتايغا ئېقىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىكەن. (قانات)