تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسى ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي سودىسىنى ماقۇللىدى
2005.03.16
خىتاي "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نى ماقۇللاپ 48 سائەتتىن كېيىن، تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىن 15 يېرىم مىليارد دوللىرى قىممىتىدە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىشىنى ماقۇللىدى. بۇ سان ئەسلى لايىھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ساننىڭ 1/4 قىسمىغا توغرا كېلىدىكەن.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن قورال سېتىۋېلىش تەلەپ قىلىنغان بۇ لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ لايىھە ئەمدى پارلامېنتنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىدىكەن.
ئەگەر بۇ لايىھە ماقۇللانسا، تەيۋەن بۇ ھەربىي خىراجەت بىلەن ئامېرىكىدىن 6 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسى، 8 دانە سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا زەربە بەرگۈچى ئايرۇپىلانلارنى سېتىۋالىدىكەن. ئەمما پارلامېنتتا چېن شۈيبيەننىڭ دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىگە قارشى بولغان گومىنداڭ ۋە چىنمىنداڭ پارتىيسىدىكىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەچكە، ئانالىزچىلار بۇ لايىھىنىڭ پارلامېنتتىن ئۆتىشىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا.
بۇ ئارىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا ماقۇللىغان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" غا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا چىقىرىۋالغان تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېردىكى بۇنداق قانۇنىنىڭ پەقەت ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى"، ياۋروپانىڭ ئىمبارگونى قالدۇرۇشىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن
- تەيۋەن "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى قاتتىق تەنقىد قىلدى
- خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى ماقۇللىدى
- خۇ جىنتاۋ، ئارمىيىنى ھەر زامان ئۇرۇشقا تەييارلىق ھالەتتە تۇرۇشقا چاقىردى
- خىتاي، ئامېرىكىنىڭ "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" چىقىرىشنى قايتا ئويلىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى