دونالد رامسفېلد، خىتاي ھەربىي خىراجىتىنىڭ تېز ئېشىشىنى ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00
SINGAPORE-US-RUMSFELD-100.jpg
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامزفېلد سېنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا. AFP

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا چىقارغان بىر پارچە دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتى ئاسىيا بويىچە 1 - ئورۇندا، دۇنيا بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد سېنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە سەرپ قىلىۋاتقان ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئۇلار ئېتىراپ قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن كۆپ جىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ مۇساپىسىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى رايونلارنى نىشانلىيالايدىغان قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، " ھېچقانداق دۆلەت خىتايغا تەھدىت سالماي تۇرۇپ، خىتاي ھەربىي تەييارلىقلىرىغا سالغان مەبلەغنى بۇنداق توختىماي ئۆستۈرسە، بۇ كىشىنى ئويغا سالمامدۇ؟ خىتاي يەنە نېمە ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە كەڭ كۆلەمدە قورال سېتىۋالىدۇ؟" دېگەن سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رامسفېلد: ئاسىيانىڭ ھەربىي تەرەققىياتى، ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىغا تەھدىت

دونالد رامسفېلد يىغىندا يەنە، خىتاي ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ تېز ئېشىشىنىڭ ھازىر ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىنىڭ ھەربىي ھازىرلىق تەڭپۈڭلۇقىغا تەھدىت بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ يەنە بۇنىڭ، ئۆزىنىڭ كۆزىتىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويدى.

ئامېرىكا برۇكىڭس تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى خۇئاڭ جىڭ، رامسفېلدنىڭ سۆزلىرىدىن، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىدا ھەربىي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش نىشانىنىڭ، خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"رامسفېلدنىڭ سۆزلىرى پەقەت "پەنتاگون" يەنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قاراشنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقىنى كۆزىتىشكە يەنە ۋاقىت بار".

خۇئاڭ جىڭ سۆزىدە يەنە، دونالد رامسفېلدنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىككى خىل سېگنال بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، " ئۇ بولسىمۇ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ تېز ئۆرلىشى ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىغا مۇقىمسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ كۈزىتىشى توغرا بولۇپ چىقسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا ھەرگىزمۇ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ" دېدى.

لى شياۋبىن: رامسفېلد بۇ سۆزلەرنى مەقسەتلىك قىلدى

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى ۋە خىتاينىڭ تەيۋەنگە توغرىلاپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورنۇتۇشى، بۇ رايوندا كىرىزىس پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەيدا قىلدى.

ئامېرىكا ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت فاكۇلتېتى پروفېسسورى لى شياۋبىن، رامسفېلدنىڭ بۇ سۆزلەرنى مەقسەتلىك ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئۇ يېقىندا ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاش دوكلاتى ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئۆزگەرتىش دوكلاتىنى چىقاردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىدا ياپونىيىنىڭ ھەربىي تەييارلىقىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىش قاتارلىق بىر قاتار كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ يىغىندا قىلغان سۆزلىرى دەل مۇشۇ مەقسەتلەرنى تولۇقلاش ۋە ئىسپاتلاش رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى ئۇ 'مانا مۇشۇنداق تەھدىتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بىز يۇقارقىلارنى قىلىشىمىز كېرەك' دىمەكچى".

لى شياۋبىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي كېڭىيىشىنى، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەپ چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئويلىشىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. مەسىلەن، جەنۇبىي دېڭىزدىكى نېفىت مەسىلىسى، فىلىپپىن ۋە ۋېيتنام بىلەن بولغان جەنۇبىي دېڭىز نېفىت ماجىراسى، خىتاي-ھىندىستان ھەربىي ھەمكارلىقى، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتى، شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىقلار.

لى شياۋبىن: ئۈچ بۇرجەك مۇناسىۋەت، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋاتىدۇ

دونالد رامسفېلد ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا يەنە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە توغرىلاپ قويغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە توختالغان لى شياۋبىن، ئامېرىكا-خىتاي-تەيۋەن ئۈچ بۈرجەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

" ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تەيۋەن مەسىلىسى بىلەن خىتاي قۇرۇقلۇقىغا بېسىم ئىشلىتىشنى خالايدۇ. تەيۋەن بولسا، ئامېرىكىغا تايىنىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئانچە ئوڭۇشلۇق ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى ۋە خىتاينىڭ تەيۋەنگە توغرىلاپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورنۇتۇشى، بۇ رايوندا كىرىزىس پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەيدا قىلدى".

لېكىن لى شياۋبىن ئەپەندى يەنە، گەرچە ئىككى قىرغاق ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرسىمۇ، بىراق ئۇرۇش پارتلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، " ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۇرۇش قوزغاش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك" دېدى.

مۇتەخەسسىسلەر: ئامېرىكا، خىتاي ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئۇرۇش پارتلىشى ناتايىن

ئامېرىكا برۇكىڭس تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى خۇئاڭ جىڭمۇ، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەمدە ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرسە، بۇنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر ئاپەت بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، " مەن ئىشىنىمەنكى ئامېرىكا، خىتاي ۋە ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتى يېتەرلىك. ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇ ئاپەت يولىنى تاللىمايدۇ" دەپ بىلدۈردى.

دونالد رامسفېلدنىڭ سېنگاپوردىكى ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىگە قارىتا خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندا ھەرگىزمۇ ھەربىي تەھدىت بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ " خىتاي، تىنچلىقنى سۆيىدىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. ئۇ تاشقى ئىشلار سىياسىتىدە تىنچلىقنى ئىستەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقىنى شىددەت بىلەن ئاشۇرۇش مەقسىتى ۋە ئىقتىدارىمۇ يوق" دەپ بىلدۈردى.

ئەمما خەلقئارا ئورگانلار خىتاينىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىۋاتقان ھەربىي خىراجىتىنىڭ، ئۇلار ئېتىراپ قىلغاندىن ئاز دېگەندە 13 ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. (پەرىدە)