خىتاي، ھەربىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاسىيا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى


2005.06.07

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتى ئاسىياغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلدنىڭ سۆزلىرىنى " پۈتۈنلەي ئاساسسىز" دەپ ئەسكەرتىپ، جوڭگونىڭ ھەربىي كۈچلەر تەرەققىياتى زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداشنى چىقىش قىلغان، دەپ ئاقلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتىدىكى كۆپىيىش ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىئىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ليۇ جيەنچاۋ، سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ كۆپىيىشىنى ئاقلاپ، "خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگۈرۈشلەر شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداشنى كۆزدە تۇتقاندا، جوڭگونىڭ بىر قىسىم قورال - ياراقلار ۋە ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىشكە ئىھتىياجى بار،" دېدى.

ئەمما رامسفىلد ئۆتكەن شەنبە كۈنى سىنگاپوردا خىتايلار ھەربىي خام چوتنى تېز كۆپەيتىپ ، ئىلغار قوراللارنى كەڭ كۆلەمدە سېتىۋالماقتا، دەپ تەكىتلىگەن. رامسفىلدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىدىن كېيىن دۇنيا بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئەمما ليۇ جيەنچاۋ، "جوڭگو ھەربىي خام چوتىنى زور مىقتاردا ئاشۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي 2004 - يىلى ھەربىي سېلىنمىغا 25 مىليارد دوللار خەجلىگەن. ئەمما ئامېرىكىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئورنى راند شىركىتىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەمىلىيەتتىكى يىللىق ھەربىي خام چوتى 69 مىليارد دوللاردىن 78 مىليارد دوللارغا بارىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.