خىتاي ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە


2006.12.28

خىتاي دۆلەت رەئىسى ھەمدە خىتاي خەلق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى خۇجىنتاۋ، ھەرقاچان ھەربىي كۈرەشكە تەييار تۇرىدىغان كۈچلۈك بىر دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇجىنتاۋ چارشەنبە كۈنى خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ يېغىنىغا قاتناشقان كوممۇنىست پارتىيىسى ۋەكىللىرىگە، خىتاينىڭ بىر دېڭىز دۆلىتى ئىكەنلىكىنى شۇنىڭ ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئازادلىق ئارمىيە گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇجىنتاۋ يېغىندىكى سۆزىدە": بىز ھەربىي كۈرەشكە تەييارلىق قىلىشىمىز ھەمدە قوراللىق كۈچلىرىمىزنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ھەر قاچان تەلتۆكۈس ئورۇندىيالايدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولۇشىمىز كېرەك" دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كۈچلەندۈرۈشى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولىۋاتقان مۇھىم ئىختىلاپلارنىڭ بېرى بولۇپ، ئامېرىكا ، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈشى تۈپەيلى ئاسىيادىكى ھەربىي تەڭپۇڭلىقنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولۇپمۇ بۇنىڭ تەيۋەنگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلسا، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

لېكىن بەزى ھەربىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيسنى كۈچلەندۈرۈشىدىكى ئاساسلىق مەقىسىتى، ئېنېرگىيە تەمىنات يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.