خىتاي ھەربىي خام چوتىنى كۆپەيتدىغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتىنى ٪ 12 كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بېيجىڭ دائىرىلىرى، ھەربىي خام چوتنىڭ ئاساسلىقى ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش شۇنداقلا ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، تەيۋەنگە قارىتىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى جاڭ ئېنجۇ جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ يىلقى دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى ئاز كەم 30 مىلياردقا كۆپىيىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىراق ئۇ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئاز، دەپ تەكىتلىدى. جاڭ ئېنجۇ ھەربىي خام چوتنىڭ قورال - ياراقلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، تەلىم - تەربىيە شۇنداقلا پىنسىيىگە چىققان ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل قوراللىق قىسىملاردىن 200 مىڭ ئەسكەرنى قىسقارتىدىكەن.

بۇ ئارىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، تەيۋەندىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر شۇنداقلا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، جاڭ ئېنجۇ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا چىقىرىلىدىغان " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى، ئاتالمىش " ئۇرۇش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى" ياكى " تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىش قانۇنى" ئەمەس، دەپ ئاقلىدى.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن پەيشەنبە كۈنى " خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي بازىرىدىن ئالىدىغان ئىقتىسادى مەنپەئەتنى كۆزلەپ، خىتاينىڭ ھەربىي كېڭىيەيمىچىلىكىگە كۈز يۇمماسلىقى كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ يىللىق ھەربىي خام چوتى 400 مىليارد دوللار، ياپونىيىنىڭ 47 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. (ئەركىن)