خىتاي ھەربىي خامچوت مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى قوپاللىق بىلەن ئەيىبلىدى
2006.08.17
خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى شا زۇكاڭ، پەيشەنبە كۈنى جەنۋە شەھىرىدە بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى مەسىلىسىدە ئاغزىنى يۇمۇشى كېرەك، دېدى.
ب ب س رادىئوسىنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى توغرىسىدىكى بىر سۇئالىنى جاۋابلاندۇرغان شا زۇكاڭ، دىپلوماتىيە قائىدىلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، خىتاينىڭ نوپۇسى ئامېرىكىدىن بەش-ئالتە ھەسسە كۆپ. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خامچوتى پۈتۈن دۇنيا دۇلەتلىرىنىڭ ھەربىي خامچوتىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە خىتاينى ئەيىبلىمەي، ئاغزىنى يۇمۇپ تۇرسا ياخشى بولىدۇ، دېگەن.
ئۇ شۇنداقلا، تەيۋەن مەسىلسىدىمۇ ناھايتى قاتتىق تەلەپپۇزدا سۈز قىلىپ، تەيۋەنگە كىم ياردەم قىلىشىدىن قەتئىنەزەر، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلسا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھەربىي خامچوتىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ھەمدە خىتاينىڭ قوشنىلىرىنى بىئارام قىلماقتا. بۇ يىل مارت ئىيىدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ھۆكۈمەتنىڭ 2006 - يىللىق ھەربىي خامچوتىنى 7،14 پىرسەنت كۆپەيتىش پىلانىنى ماقۇللىدى.
گەرچە خىتاينىڭ 2006- يىللىق ھەربىي خامچوتى ئامېرىكىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا، ناھايىتى ئاز كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرلىقى، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنىڭ، خىتاي ھۆكۆمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغاندىن ئىككى-ئۈچ ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 2006- يىللىق ھەربىي خامچوتىنى 35 مىليارد دوللار كۆرسەتكەن. ئامېرىكىنىڭ بىر يىللىق ھەربىي خامچوتى بولسا، 419 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي تەھدىتلەرگە قارشى ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش نەزەزىيىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى
- خۇ جىنتاۋ گېنېراللارنى ئۆستۈردى
- بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىك ھەققىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە ھازىرلىغان دوكلاتى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خام چوت توغرىسىدىكى دوكلاتىنى رەت قىلدى