خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى جياڭ ئەنجۇ خىتاينىڭ 2007- يىلى ھەربىي خامچوتىنى 8، 17 پىرسەنت كۆپەيتىدىغانلىقى بىلدۈردى.
جياڭ ئەنجۇ، 2007-يىلدىكى 44 مىليارد 960 مىليون دوللارلىق ھەربىي خامچوتنىڭ ئاساسەن ھەربىي خادىملارنىڭ مائاشلىرىنى كۆپەيتىش، ئارمىيە خادىملىرىنىڭ ھايات شارائىتى ياخشىلاش ۋە ئارمىيىنىڭ مۇداپى قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قورال-ياراقلارنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئىشلتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ، 1990-يىلىدىن بېرى خىتاي ھەربىي خامچوتىدىكى ئۈچۈنچى قېتىملىق چوڭ ئۆرلەش ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي خامچوتىنى 1994-يىلى 18% پىرسەنت ۋە 1995- يىلى 21% پىرسەنت كۆپەيتكەن ئىدى.
غەرب دۆلەتلىرى بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ھەربىي خىراجىتىدە ئوچۇق ئەمەس دەپ، تەنقىد قىلماقتا. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورال ئېلىش ۋە باشقا ھەربىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان پۇللارنى ھەربىي خامچوتقا كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ساندىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جان نېگرپونتى، يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرش مەقسىتى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى.
لېكىن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى جيا ئەنجۇ، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىدىكى ئۆرلەشنىڭ، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)
