سەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ رايونىدا، زەھەرلىك قوڭۇر ھەرىنىڭ كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 36 ئادەم ئۆلگەن، 715 ئادەم يارىلانغان.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ 5 - يانۋار كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، سەنشى ئۆلكىسىدە زەھەرلىك ھەرىنىڭ كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆلۈم ۋە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ زەھەرلىك قوڭۇر ھەرە، ئافرىقا قىتئەسى ياكى ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلگەن " ئادەم ئۆلتۈرگۈچى ھەرە" ئىكەن.
زەھەرلىك قوڭۇر ھەرە، ئاساسەن خىتاينىڭ خېبېي، شەندۇڭ، لياۋنىڭ، خېيلۇڭجياڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىكەن.
بۇ خىل زەھەرلىك قوڭۇر ھەرە كۆرۈنۈشتە قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قۇيرۇق قىسمىدا ئادەم ئۆلتۈرىدىغان زەھەر بولۇپ، زەھەر تېرە ئىچىگە كىرىشى بىلەن، نېرۋا ۋە قان تومۇرلارنى زەھەرلەپ، ئادەمنى 24 سائەت ئىچىدە ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن.
خىتاي ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى، جىددىي تەدبىر ئېلىپ، بۇ ھادىسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىگەن.
مۇتەخەسسىسلەر، زەھەرلىك قوڭۇر ھەرە ھادىسىسىنى، 1 - دىن ھەرىنىڭ پائالىيەت رايونى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقتىن، 2 -دىن ھەرىنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىدىن ھاسىل بولغان پۇراققا سېزىمچانلىقى كۈچىيىپ، گىرىم ئىشلەتكەن كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىشىدىن، 3 - دىن دېھقانچىلىق دورىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن.
ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتايدا يۈز بەرگەن ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرىدە 2400 ئادەم قازا قىلغان. (ئەقىدە)