خىتاي دائىرىلىرى خەتنە قىلىشنىڭ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشتا ئوينايدىغان رولى ئۈستىدە داۋاملىق پاكىت توپلاۋاتقانلىقىنى ۋە ھازىرچە بۇ ئۇسۇلنى خىتايدا ئەيدىزگە قارشى تۇرۇشنىڭ بىر تەدبىرى سۈپىتىدە تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2006 - يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكا ۋە ئافرىقىلىق تەتقىقاتچىلار ئەرلەرنىڭ خەتنىسى قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 50 % تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ يەرشارىدا مىليونلىغان كىشىلەرنى مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەتقىقاتچىلار كېنىيە بىلەن ئۇگاندادىكى ئىككى دوختۇرخانىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن يۇقىرىقى خۇلاسىنى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خەتنە قىلىشنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رۇ شياۋمېي، ئافرىقىدىكى تەجرىبە نەتىجىسىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، "جۇڭگودا ئەيدىزنىڭ ئەھۋالى ئافرىقىدىكىگە ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك ئەمەس " دەيدۇ.
خەتنە قىلىش ئۇيغۇر ، قازاق شۇنداقلا تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەردە ئومۇملاشقان مەدەنىي ۋە دىنىي بىر ئادەتتۇر. لېكىن رۇ شياۋمېي، خىتايغا ئوخشاش غەيرىي مۇسۇلمان مىللەتلەرگە خەتنە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش بىر مەدەنىيەت مەسىلىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى خىتايدا 650 مىڭ كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر ئەمەلىيەتتىكى سان بۇنىڭدىن كۆپ يۇقىرى، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. (ئەركىن)