ھىندىستان بىلەن خىتاي ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكچى
2004.12.29
خىتايدا زىيارەتتە بولىۋاتقان ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى گېنېرال ن س ۋىج چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۇەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ھەربىي ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كېلىشكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساۋ گۇاڭچۇئەن ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن دۆلەت مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر بالداققا كۆتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھىندىستاننىڭ يادرو رىقابەتچىسى پاكىستان بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، خىتاي ھەتتا پاكىستاننى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ھىندىستان بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى قايتا ئەسكەرتتى.
نۇرغۇن سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى لېكىن بۆسۈش خاراكتېرلىك چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى خىتاينى زىيارەت قىلدى
- ھىندىستان كەشمىردىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە باشلىدى
- ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ھىندىستانغا قىلغان زىيارىتى ۋە خىتاي ھىندىستان مۇناسىۋىتى
- ھىندىستان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتتى
- يەتتە دۆلەتنىڭ ساقچى ئىدارە مەسئۇللىرى، تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى
- خۇ جىڭتاۋ APEC يىغىنىدا بۇش بىلەن كۆرۈشىدۇ