ۋېن جياباۋ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى زىيارىتىدە دالاي لاما ۋە چېگرا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
2005.04.01
تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما شۇنداقلا خىتاي - ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى، ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە ھىندىستان قاتارلىق جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىدىغان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېمىلارنى ئىگىلەيدۇ.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋېي ، ۋېن جياباۋنىڭ زىيارەت جەريانىدا دالاي لاما مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ، "بىز ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھىندىستان تېررىتورىيىسىدە خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز،" دېدى. ھىندىستان، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ بازىسى.
ۋۇ داۋېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ھىندىستاندىكى پائالىيىتىنى چەكلەش توغرىسىدا بەزى ۋەدىلەرنى بەرگەن. ئۇ، " بىز ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىسىنى قانداق بىجا كەلتۈرۈدىغانلىقىغا قارايمىز،" دېدى.
ۋۇ داۋېي، چېگرا مەسىلىسىنىڭ ھىندىستان - خىتاي ئوتتۇرىسىدا باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، " ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى ئىنتايىن چوڭ شۇنداقلا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئاسانغا توختىمايدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
3200 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خىتاي - ھىندىستان چېگرا ماجىراسى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھىندىستاننىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان 1962 -يىلدىكى چېگرا توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋېن جياباۋنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى زىيارىتى سەيشەنبە كۈنى پاكىستاندىن باشلىنىدىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھىندىستان بىلەن خىتاي تۈنجى قارار ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتنى باشلىدى
- خىتاي ياپونىيىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ماياكقا ئىگە چىققانلىقىنى ئەيىپلىدى
- گېرمانىيە ھېسسېن شتاتىنىڭ باش مىنىستىرى دارامسالانى زىيارەت قىلدى
- ھىندىستان بىلەن خىتاي ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكچى
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۈچ ئارالنىڭ چېگرا مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى