بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىن\تاۋ بۇ يىل 11 - ئايدا ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىر قاتار كېلىشىم ئىمزالايدىكەن. ھەر ئىككىلا تەرەپ ھازىرغىچە خۇ جىنتاۋنىڭ نويابىردا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ تەپسىلى دېتاللىرىنى ئېلان قىلمىدى. لېكىن خىتاينىڭ ھىندىستاندىكى باش ئەلچىسى سۈن يىشى، ھىندىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەتبۇئاتلار، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىككى دۆلەت چېگرىسىدا 27 يېڭى سودا ئېغىزى ئاچىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا. لېكىن بۇ سودا ئېغىزلىرىنىڭ قايسى جايلاردا ئېچىلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا كەشمىر بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا ھاۋا قاتنىشىنى يولغا قويۇش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىمىن ئىختىلاپى 1962 - يىلدىكى چېگرا توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. سۈن يىشى، بۇ يىل 7 - ئايدا ئېچىلغان ھىمالايا چېگرا ئېغىزى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچۈيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ بىلەن يېڭى دېھلى ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپى ھازىرغىچە ھەل بولمىدى.
ھىندىستان كەشمىردىكى 38 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر زىمىنىمىز خىتاي بېسىۋالغان، دەپ ئەرز قىلسا، بېيجىڭ ھىندىستان 90 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر زىمىنىمىزنى ئارۇناچال پرادەش شاتاتىغا قېتىۋالدى، دەپ داۋا قىلماقتا. (ئەركىن)